添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 31 ھ ئا 1000-نومۇرلۇق

作者:麦麦提艾力·多勒坤  2016-08-11 10:19:15


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                                  (2016) ش 31 ھ ئا 1000-نومۇرلۇق

  نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار): گxx، ئايال، ئۇيغۇر، 1982- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇغۇلغان، پوسكام ناھىيدە ئولتۇرۇشلۇق.

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار): مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، مۇقىم كەسپى يوق، پوسكام ناھىيىدە ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.

نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر): ئاxx ئەر، ئۇيغۇر، 1979-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، يەككە سودا- سانائەتچى، پوسكام ناھىيدە ئولتۇرۇشلۇق.

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گxx، مxxلەر نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئاxx بىلەن بولغان ئەل-ئارا قەرز ماجرا دەۋا دىلوسىدا، پوسكام ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2016) ش 3124 ھ د 339–نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى بەرگەن. مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئويۇشتۇرۇپ، ئوچۇق سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلاردىن نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى مxx ۋە نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئاxx مەھكىمىمىزنىڭ قانۇنلۇق سوتقا قاتنىشىش چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى دەۋاگەر ئاxx جاۋابكار گxxقا 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قايتۇرۇش شەرتى بىلەن 34 مىڭ يۈەن قەرز بەرگەن، جاۋابكار گxx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 34 مىڭ يۈەننى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قايتۇرۇش، قايتۇرالمىسا ئۆزىنىڭ گۈلباغ يولى قارباغ كەنت يول بويىدىكى بىر يۈرۈش ئۆي، پوسكام ناھىيە پوسكام گۈلزارلىقى ئولتۇراق رايۇنىغا جايلاشقان 6-بىنا 2-كورپوس 102-نۇمۇرلۇق بىر يۈرۈش ئۆينى دەۋاگەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا دەۋاگەرگە قەرز ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن، جاۋابكار مxx يۇقارقى قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ كىپىل بولغان. قەرز پۇلنى قايتۇرۇش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن دەۋاگەر جاۋابكارلاردىن 34 مىڭ يۈەننى سۈيلىگەن بولسىمۇ، جاۋابكارلار ئورۇنسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قايتۇرمىغانلىقتىن دەۋاگەر  يۇقارقى 34 مىڭ يۈەننى دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ جاۋابكاردىن ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە دەۋا قىلغان دەپ بىكىتىپ، يۇقارقى پاكىتلارغا ئاساسەن ئەسلى سوت مەھكىمىسى قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، جاۋابكارنىڭ دەۋاگەرگە يىزىپ بەرگەن قەرزدارلىق ھۆججىتىنى دېلو بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، تەرەپلەر ئۆز ئىختىيارى ھالدا قەرز ئىلىش – قەرز بېرىش ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، جاۋابكار دەۋاگەردىن 34 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ قايتۇرمىغان، شۇڭا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ قايتۇرمىغان قەرز پۇل 34 مىڭ يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە دەۋاگەرگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك، جاۋابكار مxx بۇ پۇلغا كىپىل بولغانلىغى ئۈچۈن قانۇندىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن كىپىللىك مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىپ، جاۋابكار گۈلچىمەن ئىلىشات ئۈستىگە ئالغان 34 مىڭ يۈەن قەرز پۇلغا قارىتا  چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىشقا تېگىشلىك، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنىڭ قانۇن ۋە پاكت ئاساسى تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن قوغدايدۇ، جاۋابكار گxxنىڭ دەۋاگەردىن قەرز ئالغان 34 مىڭ يۈەننى قايتۇرىمەن دىگەن پىكىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرسام دىگەن پىكىرىنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق، بىر يولدىلا تۆلەپ قايتۇرۇشقا تېگىشلىك، جاۋابكار مxx (كىپلچى) ئورۇنسىز سوتقا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا تېگشىلىك دەپ قاراپ، 1. جاۋابكار گxx قەرز ھۆججىتىدىكى 34 مىڭ يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە دەۋاگەر ئاxxغا قايتۇرۇش؛ 2. جاۋابكار مەمەتئىزىزى مەدى يۇقارقى قەرز پۇلغا قارىتا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىش؛  دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 325 يۈەننى جاۋابكار گxx ئۈستىگە ئىلىشقا بۇيرۇپ ھۆكۈم قىلغان.  

ھۆكۈم تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كىيىن، گxx، مxxلار ھۆكۈمگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە: «ئەسلى سوت ھۆكۈمىدە بىكىتىلگەن پاكىتلار خاتا بولۇپ قالدى، بىز ئاxxدىن قەرز ئالغان 34000يۈەنگە قارىتا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ جەمئىي 45000يۈەننى قايتۇرۇپ بولدۇق، شۇڭا ئوتتۇر خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن» دىگەن مەزمۇندا نارازىلىق ئەرزى بەرگەن.

نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئاxx ئەسلى سوت ھۆكۈمىگە رازى بولغان.

سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە، مەھكىمىمىز ئىككىنجى سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغان پاكىتلار ئەسلى سوت ھۆكۈمىدە بىكىتىلگەن پاكىتلار بىلەن بىردەك.

يۇقارقى پاكىتلارنى تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپات ئىسپاتلايدۇ:

1. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 34 مىڭ يۈەننىڭ قەرز ھۆججىتى؛

2. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەسلى سوتتىكى بايانى ۋە ئەسلى سوت خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بار بولۇپ، يۇقارقى ئىسپاتلار سوتتا تەرەپلەرنىڭ بەتلەشتۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، دىلونىڭ ئوبىكتىپ ئەمەلىيتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، مەزكۇر دىلونىڭ پاكىتىنى بىكىتىشىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە ئاساسەن بۇ دىلونىڭ ئىككىنجى سوتتىكى تالاش-تارتىش نۇقتىسىنى (1) نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گxx، مxx نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئاxxغا قەرز ئالغان 34000يۈەننى تۆلەپ قايتۇرۇشقا تىگىشلىكمۇ-يوق دىگەندىن ئىبارەت بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىلەر مەھكىمىمىزگە سۇنغا نارازىلىق ئەرزىدە ئۆزلىرىنىڭ قەرز ئالغان 34000يۈەنگە قارىتا 45000يۈەن قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ تەشەببۇسىغا قارىتا سوتنى يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گxx ئەسلى سوتتا دەۋاگەرنىڭ ئەرزىگە بەرگەن جاۋابىدا، ئۆزلىرىنىڭ 34000يۈەننى قەرز ئىلىپ قايتۇرالمىغانلىق پاكىتنى ئىتىراپ قىلغان. شۇڭا مەھكىمىمىز نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىلەرنىڭ «بىز 45000يۈەن قايتۇرۇپ بولدۇق» دىگەن نارازىلىق ئەرز تەلىۋنى قوللىمايدۇ. ئەسلى سوتنىڭ نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گxxنى ئاxxغا 34000يۈەننى قايتۇرۇشقا بۇيرۇشى مxxنى بۇ پۇلغا قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلشىقا بۇيرۇشى توغرا بولغان.

دىمەك نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، رەت قىلىشقا تىگىشلىك. ئەسلى سوت ھۆكۈمىدە پاكىتلار توغرا بىكىتىلگەن، قانۇن توغرا تەدبىقلانغان، كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىگىشلىك. نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئاxx سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ سەۋەپسىز سوتقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا تىگىشلىك.  شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددا،  170-ماددا 1-تارماق (1)-تارماقچىسى ۋە 174-ماددىىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:  

     نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ ئەسلى سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن.  

    ئىككىنجى سوت دەۋا ھەققى 650 يۈەننى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گxx، مxxلەر ئۈستىگە ئالسۇن.

بۇ ھۆكۈم ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى بولىدۇ.

                    باش سوتچى   ئەلايىم ئەمەت

               مۇۋەققەت سوتچى   ئەكبەر ماڭسۇر  

               مۇۋاققەت سوتچى   مەمەتئىلىجان دولقۇن

                     2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

                             پۈتۈكچى  مەمەتتۇرسۇن ئابلا

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1408819
分享到:
关闭窗口
您是第 9837984 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094