添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 31 ھ ئا 590-نومۇرلۇق

作者:麦麦提艾力·多勒坤  2016-08-11 10:20:06


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ كىسىمنامىسى

                              (2016) ش 31 ھ ئا 590-نومۇرلۇق

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر): رى XX، ئايال، ئۇيغۇر، 1977-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، خوتەن شەھىرى قارىقاش ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق.

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر): جە xx، ئوغۇل، ئۇيغۇر، 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، ئوقۇغۇچى، خوتەن شەھەر قارىقاشسىدە ئولتۇرۇشلۇق.

قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ۋاكالەتچىسى: رى xx (جە xxنىڭ ئانىسى)

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئەنۋەر ئابدۇرىشىت، خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىلىك قانۇن ياردەم مەركىزىنىڭ خادىمى.  

نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار): تو xx، ئايال، ئۇيغۇر، 1944-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، مەكىت ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق.

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى نۇرمەمەت سابىر،شىنجاڭ شىن يۈەن ئادۋۇكاتلىق ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر: دى xx، قىز، ئۇيغۇر، 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، ساۋاتلىق، ئوقۇغۇچى، شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق.

قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ۋاكالەتچىسى: پە xx، ئايال، ئۇيغۇر، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، مۇقىم كەسپى يوق، شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرىىدە ئولتۇرۇشلۇق.

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى رى xx ، جە xx نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تو xx، ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر دى xx بىلەن بولغان قانۇنىي ۋارىسلىق دەۋا دىلوسىدا، مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ (2015) م ھ د 474-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى بەرگەن. مەھكىمىمىز بۇ دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئويۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى. دەۋالاشقۇچىلاردىن نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى رى xx ۋە ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئەنۋەر ئابدۇرىشىت، نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تو xx ۋە ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى نۇرمەمەت سابىرلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر دى xxگە مەھكىمىمىز قانۇنلۇق سوتقا قاتنىشىش چاقىرىق قەغىزىنى يەتكۈزگەن بولساقمۇ، سوتقا كەلمىدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: ئەسلي سوت ھۆكۈمىدە بىكتىلگەن ئاساسلىق پاكىتلار ئىنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس، سوت ھۆكۈمىدە دەۋا تەرتىۋىگە خىلاپلىق قىلىنغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 170-ماددا 1-تارماق(3)-، (4) - تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى:

1. مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ (2015) م ھ د 474-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى كۈچتىن قالدۇرۇلسۇن.  

2.بۇ دىلو مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوتلاپ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايتۇرۇلسۇن.

ئىككىنجى سوت دەۋا ھەققى 9930 يۈەن نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى رى xx ، جە xx لەرگە قايتۇرۇپ بىرىلسۇن.

                

    باش سوتچى  دىلبەر ئوبۇل    

                          سوتچى  پولات كىيكەباي  

                 مۇۋاققەت سوتچى  مەمەتئىلىجان دولقۇن

                     2016-يىلى 4-ئاينىڭ  28 -كۈنى

                        پۈتۈكچى  مەمەتتۇرسۇن ئەركىن    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1318111
分享到:
关闭窗口
您是第 9837983 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094