添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 31 ج ئا 133–نۇمۇرلۇق

作者:普尔卡提  2016-08-22 17:26:38


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى

(2016) ش 31 ج ئا 133–نۇمۇرلۇق

ئەسلى ئەيىبلىگۈچى ئورگان قەشقەر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار) مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ئەر، ئۇيغۇر، ھازىر كىپىلدە.

نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار) ھىلاخۇن غوپۇر، ئەر، ئۇيغۇر، ھازىر كىپىلدە.

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قەشقەر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى سوت قىلىپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى (2016) س 3101 ج د 38-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى چىقارغان. ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلار قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن. مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دېلونى ئوچۇق رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شوبىسى ئەۋەتكەن تەپتىش ئابلەت تۆمۇر، ئابدۇقىيۇم ساۋۇرلەر سوتقا چىقىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلار سوتقا كەلتۇرلۇپ دەۋاغا قاتناشتۇرۇلدى، بۇ دېلو ھازىر سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىلدى.

ئەسلى سوت ھۆكۇمدە، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 00:00لەر ئەتراپىدا جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلار ئوغۇرلۇق قىلىش مەخسىتىدە، قەشقەر شەھەر توڭلىتىش ئىسكىلاتى يىنىدىكى كىچىك چۇمۇلە تورخانىسىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۈچى يۈxxxنىڭ 2670يۈەن قىممىتىدىكى شىياۋ نىياۋ ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكلۇق ھارۋىسىنى ئوغۇرلاپ ئىلىپ كەتمەكچى بولغاندا باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۈچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ 2670 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىتىدە يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارلارمۇ قىلمىشىغا ئىقرار، ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلەشنامىسىنىڭ ئاساسى بار، مەھكىمىمىز قوللايدۇ. جاۋابكارلارنىڭ سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇپ تاپشۇرۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، زاڭ مال ئەسلىگە كەلگەن تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىپ جاۋابكارلارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا چىكى دائىرسىدە جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-، 25-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 1. جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىننىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 1500يۈەن شتراف قويۇش. 2. جاۋابكار ھىلاخۇن غوپۇرنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 1000يۈەن شتراف قويۇشقا ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈمگە جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن قايىل بولماي «مەن قىلمىشىمنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، شىرىكىم ھىلاخۇن غوپۇرنىڭ قىلمىشىنىمۇ ئەينەن تاپشۇرغان ئىدىم، مىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىدى، ئەسلى سوت مىنىڭ قىلمىشىمغا قارىتا ئەمەلگە ئاشقان ھالىتى بويىچە جازا ئۆلچىگەن، بىرىلگەن جازا ئىغىر، كەڭچىللىك بىلەن يىنىكلىتىپ جازا بەرسە ياكى جىنايى جازانى سىرتتا ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇپ ھۆكۈم قىلسا» دەپ، جاۋابكار ھىلاخۇن غوپۇرمۇ «مەن قىلمىشىمنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، شىرىكىم مەمەتئىمىن ئاپىدىننىڭ قىلمىشىنىمۇ ئەينەن تاپشۇرغان ئىدىم، مىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىدى، ئەسلى سوت مىنىڭ قىلمىشىمغا قارىتا ئەمەلگە ئاشقان ھالىتى بويىچە جازا ئۆلچىگەن، بىرىلگەن جازا ئىغىر، كەڭچىللىك بىلەن يىنىكلىتىپ جازا بەرسە ياكى جىنايى جازانى سىرتتا ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇپ ھۆكۈم قىلسا» دىگەن مەزمۈندا مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىت مەھكىمىمىز تەكشۇرۇپ ئىنىقلىغان پاكىت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىگى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئىقرارى، قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇم، ھۆججەت تىزىملىكى، زىيانلانغۈچىنىڭ دېلو مەلۇماتى ۋە سۆھبىتى، تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى، قەشقەر شەھەرلىك مال-باھاغا گۇۋاھلىق بىرىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلار ئوبىكتىپ، باغلىنىشلىق، قانۇنلۇق بولۇپ، سوت تەكشۇرۇشىدىن ئوتكۇزلۇپ، سوت ئۇستىدە بىكىتىلگەن، دېلو بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلارنىڭ دۆلەت قانۇنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، قانۇن بويىچە جازالاشقا تىگىشلىك. مەھكىمىمىز ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەتئىمىن ئاپىدىن، ھىلاخۇن غوپۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى 2-سوتتا تەكشۇرگىنىمىزدە، ئەسلى سوت جاۋابكارلارنىڭ سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇپ تاپشۇرۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشىلىقى، زىيانلانغۈچىلارنىڭ زىيىنىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىپ، جاۋابكارلارغا قانۇندا بەلگۇلەنگەن جازا چىكى دائىرسىدە جازا بەرگەن. ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو پاكىتىنى، خاراكتىرىنى بىكىتىشى توغرا، قانۇن ماددىلارنى تەدبىقلاپ جاۋابكارلارغا جازا ئۆلچىشى مۇۋاپىق، سوت قىلىش تەرتىۋى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان. نارازىلىق قىلغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىدە ئوتتۇرغا قويغانلىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش كىرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 225-ماددا 1-تارماق (1)-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كېسىم قىلىندى.

نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىندى.

بۇ كېسىم ئاخىرقى كېسىم بولىدۇ.

باش سوتچى  پۇرقەت ئابدۇشكۇر

مۇۋەققەت سوتچى جۇرەت ئۆمەر

مۇۋەققەت سوتچى  ئابلىمىت مەمەت

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

پۇتۈكچى  ئالىمجان ئابدۇغىنى

责任编辑:普尔卡提    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1373245
分享到:
关闭窗口
您是第 9294657 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院