添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 31 ج ئا 125-نۇمۇرلۇق

作者:普尔卡提  2016-08-22 17:39:50


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

     (2016) ش 31 ج ئا 125-نۇمۇرلۇق

ئەسلى ئەيىبلىگۈچى ئورگان، يوپۇرغا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار) مەمەت ھىيىت، ئەر، ئۇيغۇر، ھازىر يوپۇرغا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

  ئاقلىغۇچىسى، دىلشات ھامۇت شىنجاڭ فاخىڭ ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

يوپۇرغا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يوپۇرغا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەن ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەت ھىيىتنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دىلوسىنى سوت قىلىپ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى (2015) ي ج د 163-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسىنى چىقارغان. ھۆكۇمگە ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەت ھىيىت قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن. مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دىلونى ئوچوق رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسى ئىۋەتكەن تەپتىش ئابدۇراخمان قادىر، ئابلەت تۆمۇرلەر سوتقا چىقىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەت ھىيىت، ئاقلىغۇچىسى دىلشات ھامۇتلار سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو ھازىر سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

ئەسلى سوت ھۆكۈمدە، 2010-يىلدىن 2015-يىلى 7-ئايغىچە جاۋابكار مەمەت قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىتىدە، «خىزمەت ئورنىنى يوتكەپ قويىمەن، كىسەللىك پىنسىيسىگە چىقىرىپ قويىمەن، يەر ھەل قىلىپ بىرىمەن، يەر سىتىپ بىرىمەن» دىگەندەك ناملاردا زىيانلانغۇچى تۇxxx، قۇxxx، قۇرxxx، دxxx، قاxxx، ئاxxx، ئەنxxx، تۇرxxx، جۇ xxx قاتارلىق توققۇز نەپەر كىشىنى ئالداپ، كوپ قىتىمدا تۇxxxدىن 43000 يۈەن، قۇxxxتىن 36000 يۈەن، قۇرxxxدىن 25000 يۈەن، دxxxدىن 25000 يۈەن، قاxxxدىن 35000 يۈەن، ئاxxxدىن 10000 يۈەن، تۇرxxxتىن 40000 يۈەن، ئەxxxدىن 35000 يۈەن، جۇ xxxدىن 320000 يۈەن بولوپ جەمئى 569000 يۈەن (بەش يۇز ئاتمىش توققۇز مىڭ يۈەن) پۇلنى ئالداپ ئىلىپ قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان. دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 98500 يۈەننى بىر قىسىم زىيانلانغۇچىلارغا قايتۇرغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن قالغان 470500 يۈەننى زىيانلانغۇچىلارغا تولوق تولەپ ئەسلىگە كەلتۇرگەن، جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو پاكىتىنى، خاراكتىرىنى بىكتىشى، قانۇن ماددىلارغا تەدبىقلىشى توغرا بولغان، مەھكىمىمىز قوللايدۇ، جاۋابكار جىنايەت سادىر قىلغاندىن كىيىن زىياننى تولوق ئەسلىگە كەلتۇرگەن، سوتتىكى پوزىتسىيەسى ياخشى، جازا ئولچىگەندە بۇ تەرەپلەرنى ئويلۇشۇشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا 2-تارماق، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئالدامچىلىق دىلولىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغۇرسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكار مەمەت ھىيىتنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 10000 يۈەن شتراف قويۇشقا ھۆكۇم قىلغان، ھۆكۇمگە ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەت ھىيىن قايىل بولماي «مەن دىلو ئىچىشتىن ئىلگىرى زىيانلانغۇچىلارنىڭ 190000 يۈەن زىينىنى ئەسلى كەلتۇرگەن، ئەسلى سوت مەھكىمىسى بۇ تەرەپلەرنى بىكىتمەي جازانى ئىغىر بىرىپ قويدى» دىگەن مەزمۇندا مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىت مەھكىمىمىز تەكشۇرۇپ ئىنىقلىغان پاكىت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىگى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيانلىىش بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋالىقى، قەشقەر ۋىلايەتىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى بويۇملارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 28-26-25-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسى، يوپۇرغا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلونى پاش قلىش جەريانى ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ پۇل تاپشۇرۋىلىش ھوججىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلار ئوبىكتىپ، باغلىنىشلىق، قانۇنلۇق بولۇپ، سوت تەكشۇرۇشىدىن ئوتكۇزلۇپ، سوت ئۇستىدە بىكىتىلگەن، دېلو بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار مەمەت ھىيىتنىڭ دولەت قانۇنىنى كوزگە ئىلماي، يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ، خىزمىتىنى يوتكەپ قويمەن، يەر ئىلىپ بىرىمەن دەپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاشقا تىگىشلىك. مەھكىمىمىز نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار مەمەت ھىيىتنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى 2-سوتتا تەكشۇرگىنىمىزدە، ئەسلى سوت جاۋابكار مەمەت ھىيىت 9نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 569000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان، دىلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى 6نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 98500يۈەن زىينىنى تولەپ قايتۇرغان، قىپ قالغان 470500يۈەننى دىلو پاش بولوپ سوت ئىچىلغىچە بولغان ئارلىقتا تولەپ ئەسلىگە كەلتۇرگەن دەپ پاكىت بىكىتىكەن بولۇپ، بۇ قىتىم دېلونى سوت قىلىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى تۇxxx سوتتا جاۋابكار تەرىپىدىن ئالداپ ئىلىۋىلىنغان 43000يۈەننى دىلو ئىلىچىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، ئوزىنىڭ قانۇن ئورۇنلىرغا دىلو مەلۇم قىلمىغانلىقىنى ئوتتورغا قويۇپ سوتتا گۇۋالىقتىن ئوتتى. جاۋابكار مەمەت ھىيىت ۋە ئاقىلىغۇچىسىنىڭ سوتتا ئوتتورغا قويغان « ج خ ئىدارىسى چاقىرتقاندا ئايالىم جۇگو شىڭغا 100000يۈەننى تۆلەپ قايتۇرۇپ بەرگەن، تۇرغۇن توخسۇندىن ئالغان 43000يۈەننى دېلو ئىچىلىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بولغان، دېلو ئىچىلىشتىن بۇرۇن تۆلەپ قايتۇرغان پۇللارنى ئالدامچىلىق سوممىسىدىن چىقىرۋىتىش كىرەك، جاۋابكارنىڭ سوتتتىكى پوزىتسىيەسى ياخشى، زىيانلانغۈچىلارنىڭ زىيىنى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن، شۇڭا كىڭەشمە سوتنىڭ يۇقارقى تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىپ يىنىك بىر تەرەپ قىلسا» دىگەن ئاقلاش پىكرىدىكى تۇxxxدىن ئالغان 43000يۈەننى دېلو ئىچىلىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بولغان، جاۋابكارنىڭ سوتتتىكى پوزىتسىيەسى ياخشى، زىيانلانغۈچىلارنىڭ زىيىنى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن دىگەن ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ئاساسى بار، قوللاشقا بولىدۇ، قالغان ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، قوللاش بولمايدۇ. جاۋابكار تۇرغۇن توخسۇنغا دېلو ئىچىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بولغان 43000يۈەننى جاۋابكارنىڭ ئالدامچىلىق سوممىسىدىن چىقىرۋىتىپ، جاۋابكار مەمەت ھىيىت زىيانلانغچىلارنىڭ 427500يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان دەپ بىكىتىشكە كىرەك. ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكتىشى، قانۇن ماددىلارغا تەدبىقلىشى توغرا بولغان بولسىمۇ، قىسمەن پاكىتنى بىكتىپ جازا ئولچىشى مۇۋاپىق بولمىغان، ئوزگەرتىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىناي ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 225-ماددا 1-تارماق (2)-(3)-تارماقچىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا 2-تارمىقى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئالدامچىلىق دىلولىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغۇرسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1. يوپۇرغا ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى (2015) ي ج د 163-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسى كۈچتىن قالدۇرۇلسۇن (جاۋابكار مەمەت ھىيىتنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 5يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 10000 يۈەن شتراف قويۇش) .

2. جاۋابكار مەمەت ھىيىتنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 4يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 10000يۈەن شتراف قويۇلسۇن.

بۇ ھۆكۈم ئاخىرقى ھۆكۈم بولىدۇ.

باش    سوتچى پۇرقەت ئابدۇشكۇر

مۇۋەققەت سوتچى ئابلىمىت مەمەت

مۇۋەققەت سوتچى جۇرئەت ئومەر

             2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

پۈتۇكچى ئالىمجان ئابدۇغىنى

责任编辑:普尔卡提    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1298446
分享到:
关闭窗口
您是第 9305575 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094