添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 31 ج ئا 124-نۇمۇرلۇق

作者:阿布都克热木  2016-08-22 17:41:27


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ كېسىمنامىسى

                 (2016) ش 31 ج ئا 124-نۇمۇرلۇق

ئەسلى ئەيىبلىگۈچى ئورگان، يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار) ئىبراھىم ئىسمائىل، ئەر، ئۇيغۇر، 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 3–كۇنى تۇغۇلغان، ھازىر يەكەن ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق–تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئوبۇل سادىق، ئەر، ئۇيغۇر.

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى مۇھەممەت سادىق، ئەر، ئۇيغۇر (قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئوبۇل سادىقنىڭ ئاكىسى)

يەكەن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەن ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ قەستەن زەخمىلەندۇرۇش (ئىغىر زەخمە) جىنايىتى دىلوسىنى سوت قىلىپ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۇنى (2015) ي س ج د 1198-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۇمنامىسىنى چىقارغان. ھۆكۇمگە ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىل قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دىلونى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ 1-سوت زالىدا ئوچوق رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسى ئىۋەتكەن تەپتىش ئابدۇراخمان قادىر، ئابلەت تومۇرلەر سوتقا چىقىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئوبول سادىقنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى مەمەت سادىق، ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئىبراھىم ئىسمائىللار سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو ھازىر سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

ئەسلى سوت ھۆكۈمدە، 2014-يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 20 لەر ئەتراپىدا، يەكەن ناھىيە دۆڭباغ يىزا 12-كەنىت 5- مەھەللە تەۋەسىدىكى كەنىت كومىتىتىنىڭ «يىشىل كارخانا » يىرىدە ئىسمائىل سىدىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن زەخمىلەنگۈچى ئوxxx بىلەن يەر ماجراسى سەۋەبلىك جىدەللىشىپ قالغان، جىدەل جەريانىدا جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىل ئۆزىنىڭ يىنىدا ئىلىپ يۈرۈيدىغان بىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 10 سانتىمىتىر كىلىدىغان، قاتلىنىدىغان زاۋۇت پىچىقى بىلەن زىيانلانغۇچى ئوxxxنىڭ سول قول يۇقارقى بىلەك قىسمىنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر پىچاق تىققان، جىدەلنى باشقىلار ئاجىرتىۋەكەن، ۋەقەدىن كىيىن زەخمىلەنگۈچى ئوxxxنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى بىلەن جاۋابكارنى تۇتۇپ سوراق قىلىش، گۇۋاھچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلو پاش بولغان، يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ماددى دەلىل-ئىسپاتنى باھالاپ بىكىتىش ئىشخانىسىنىڭ زەخمە باھالاش پىكرىدە زەخمىلەنگۈچى ئوxxxنىڭ زەخمىسىنى «ئىغىر زەخمە 2- دەرىجە » دەپ بىكىتكەن، شىنجاڭ چىڭيۈەن ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى زەخمىلەنگۈچى ئوxxxنىڭ پىچاق تىقىشتىن زەخمىلەنگەن سول قول يۇقارقى بىلىكىنى «9- دەرىجىلىك مىيىپ» سول قول بارمىقىنى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك «10-دەرىجىلىك مىيىپ »دەپ بىكىتكەن، زەخمىلەنگۈچى ئوبۇل سادىق قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىت قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا جەمئى 39 كۈن بالنىسىتتا يىتىپ داۋالانغان، بۇ جەرياندا داۋالىنىش، تەكشۈرتۈش، قان سىلىش، داۋالىنىش سايمىنى ئىلىش، باھالىتىش ھەققى ئۈچۈن 67755.87 يۈەن چىقىم بولغان، جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىل زەخمىلەنگۈچى ئوxxxنىڭ بۇ چىقىملىرىنى تۆلىمىگەن قاتارلىق پاكىتلار تەكشۈرۈپ ئىنىقلاندى، جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن زەخمىلەندۇرۇش (ئىغىر زەخمە) جىنايىتى شەكىللىندۇ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلو پاكىتىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن ماددىلىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان، جاۋابكار زەخمىلەنگۇچىگە پىچاق تىقىپ ئىغىر زەخمىلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، جاۋابكار جىنايەتنى سادىر قىلغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇردۇ، دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 2-تارمىقى، 36-ماددىسى، 67-ماددا 3- تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق– تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 119- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئىغىر زەخمە) جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ئوxxxنىڭ داۋالىنىش، تەكشۇرتۇش، ئىشتىن قىلىش، باھالىتىش قاتارلىق بارلىق چىقىمىلىرى ئۇچۇن 87825.87 يۇەننى تولەشكە ھۆكۇم قىلغان. ھۆكۇمگە ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىل «ماڭا بىرىلگەن جازا ئىغىر بولوپ قالدى، جىدەلدە زەخمىلەنگۇچىنىڭمۇ مەسئۇلىيتى بار، قايتا تەكشۇرۇپ ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بارسە» دىگەن مەزمۇندا مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىت مەھكىمىمىز تەكشۇرۇپ ئىنىقلىغان پاكىت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىگى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرىستىت قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ دىياگۇنۇز ئىسپاتى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋالىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيانلىنىش بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2015) 020- نۇمۇرلۇق زەخمە باھالاش يەكۇنى، شىنجاڭ چىڭيۇەن ئەدىليەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 509-نۇمۇلۇق باھالاشنامىسى، نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، فۇتو سۇرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلار ئوبىكتىپ، باغلىنىشلىق، قانۇنلۇق بولۇپ، سوت تەكشۇرۇشىدىن ئوتكۇزلۇپ، سوت ئۇستىدە بىكىتىلگەن، دېلو بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىل دولەت قانۇنىنى كوزگە ئىلماي، يەر تالىشپ جىدەل قىلىپ باشقىلارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاشقا تىگىشلىك، مەھكىمىمىز جاۋابكار ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ «ماڭا بىرىلگەن جازا ئىغىر بولوپ قالدى، جىدەلدە زەخمىلەنگۇچىنىڭمۇ مەسئۇلىيتى بار، قايتا تەكشۇرۇپ ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بارسە» دىگەن نارازىلىقىنى تەكشۇرگۇنىمىزدە، جاۋابكار ئىبىراھىم ئىسمائىل يەر مەسىلسىنى توغرا يول بىلەن بىر تەرەپ قىلماي، جىدەل چىقىرىپ بىر ئادەمنىڭ ئىغىر زەخمىلىنشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، ئەسلى سوت مەھكىمىسى جىدەلنىڭ يۇز بىرىىشىدىكى سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى، ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۇيلۇشۇپ جاۋابكارغا قانۇن چىكى دائىرسى ئىچىدە مۇۋاپىق جازا بەرگەن، ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ دىلو پاكتىنى، خاراكتىرىنى بىكتىشى توغرا، قانۇن ماددىلارغا تەدبىقلاپ جازا ئولچىشى ۋە قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىنى بىر تەرەپ قىلشى مۇۋاپىق، سوت قىلىش تەرتىۋى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان، جاۋابكارنىڭ نارازىلىغىدا ئوتتورغا قويغانلىرنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ رەت قىلىش كىرەك، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىناي ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 225-ماددا 1-تارماق (1)-تارماقچىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن توۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى.

نارازىلىق ئەرىزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىندى.

بۇ كېسىم ئاخىرقى سوت كېسىمى بولىدۇ.

باش    سوتچى پۇرقەت ئابدۇشكۇر

مۇۋەققەت سوتچى ئابلىمىت مەمەت

مۇۋەققەت سوتچى جۇرئەت ئومەر

             2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى

پۈتۇكچى ئالىمجان ئابدۇغىنى

责任编辑:阿布都克热木    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1330960
分享到:
关闭窗口
您是第 9294655 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094