添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 31 ج ئا 122-نومۇرلۇق

作者:阿不都克热木  2016-08-22 17:42:32


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى

                 (2016) ش 31 جئا122-نومۇرلۇق

   ئەسلى ئەيىبلىگەن ئورگان قەشقەر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

نارازىلىق ئەرز قىلغۇچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار) قارى تىلىۋالدى، ئەر، ئۇيغۇر، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

قەشقەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار قارى تىلىۋالدىنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش (يېنىك زەخىمە) جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن دېلونى سوت قىلىپ، 2015-يىلى 4- ئاينىڭ 17-كۈنى (2015) ق ش س ج د 514-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى چىقارغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جاۋابكار قارى تىلىۋالدى قايىل بولماي نارازىلىق ئەرز قىلغان.

مەھكىمىمىز بۇ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسى ئەۋەتكەن تەپتىش زىبىرنىسا مۇسا، ئابدۇقىيۇم ساۋۇر سوتقا چىقىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، جاۋابكار قارى تىلىۋالدى سوتقا كەلتۈرۈلدى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئەسلى سوت ھۆكۈمىدە، « 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 7لەر ئەتراپىدا جاۋابكار قارى تىلىۋالدى قەشقەر شەھەر يېڭىئۆستەڭ يېزا 2-كەنت 2-گورۇپ مەسچىتتىن جامائەتلەر بىلەن ئۆيىگە كىرىپ كەتكۈچە، چوڭ يولنىڭ دوقمۇشىدا شۇ مەھەلىلىك غاxxx، ئاxxxلەر ئۇرۇشۇپ قىلىپ بۇلارنى ئاجرىتىش جەريانىدا بۇ جىدەلدە زەخىملەنگۈچى ئاxxxنىڭ ئاكىسى، ئارىسىغا كىرمەكچى بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ، جىدەل بولغان جايغا بارغۇچە يېنىدا قىسىپ يۈرىدىغان پىچاقنى ئېلىپ بارغان، جاۋابكار قارى تىلىۋالدىنىڭ ئوغلى تىxxx، رxxxنى كۆرۈپ ئالدىغا بارسا، زىيانلانغۇچى رxxxپىچاق بىلەن تىلىۋالدى قارىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى زەخىملەندۈرگەندىن كېيىن جاۋابكار قارى تىلىۋالدى زىيانلانغۇچى رxxxنىڭ بېشىغا ئەتراپتىكى چاپان شال بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئېغىرغا مايىل يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قانۇن دوختۇرىنىڭ (2013) 152-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشنامىسىدە زىيانلانغۇچى رxxxنىڭ زەخىمىسىنى (ئېغىرغا مايىل) يېنىك زەخىمە دەپ باھالىغان » دەپ بېكىتىپ، جاۋابكار قارى تىلىۋالدىنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن زەخىملەندۇرۇش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 234-ماددا 1- تارماق، 72- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن: جاۋابكار قارى تىلىۋالدىنىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش (يېنىك زەخىمە) جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ، 1 يىل كىچىكتۈرۈش ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار قارى تىلىۋالدى « مەن زىيانلانغۇچىنى قەستەن زەخىملەندۈرمۈدۈم، مەندە قەستەنلىك يوق. جىدەلنى ئايرىيمەن دەپ بۇ ئىش يۈز بەردى. مىنى جىنايەتسىز دەپ بىكىتىشىڭلارنى ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشىڭلارنى سورايمەن » دېگەن مەزمۇندا مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن.

جاۋابكار سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە، نارازىلىق ئەرزى ئاساسىدا ئۆزىنى ئاقلىدى.

تەپتىش، « سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا ئەسلى سوتنىڭ بىكىتكەن جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق، قانۇن ماددىلارنى تەدبىقلىشى توغرا، جازا ئۆلچىشى مۇۋاپىق بولغان. جاۋابكارنىڭ قىلمىشىدىن   قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئەسلى سوت ھۆكۈمى مۇۋاپىق بولغان دەپ قارايمىز » دەپ پىكىر بايان قىلدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە، ئىككىنچى سوتتا ئېنىقلانغان پاكىتلار ئەسلى سوتتا ئېنىقلانغان پاكىتلار بىلەن ئوخشاش.

يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى، قەشقەر شەھەر يېڭىئۆستەڭ ساقچىخانىسىنىڭ ئىسپاتى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇنامىسى، زىيانلانغۇچى بىلەن جاۋابكارنىڭ داۋالىنىش چىقىمى توغرىسىدىكى كىلىشىمنامىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ دېلو مەلۇماتى ۋە بايانى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبىيى قانۇنلۇق، ئوبىكتىپ باغلىنىشلىق، سوتتا يۇزلەشتۇرلۇپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن مۇكەممەل دەلىل-ئىسپاتلار سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن مەھكىمىمىز دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار قارى تىلىۋالدىنىڭ دۆلەت قانۇننى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭ جىسماني ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخىملەندۈرۈش (يېنىك زەخىمە) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك. جاۋابكار خوشنىسىنى زەخىملەندۈرگەن بولۇپ، جىنايىتىگە ئىقرار، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەپ بېرىپ ئۇنىڭ ئەپۇسىغا ئىرىشكەن. جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تاپشۇرۇش پوزىتسىيسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. نارازىلىق ئەرز قىلغۇچىنىڭ « مەندە قەستەنلىك يوق. مېنى جىنايەتسىز دەپ بىكىتىشىڭلارنى ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشىڭلارنى سورايمەن » دېگەن نارازىلىقىنىڭ ئاساسى يوق، رەت قىلىش كېرەك. ئەسلى سوتنىڭ دېلو پاكىتىنى، خاراكتېرىنى بېكىتىشى توغرا، قانۇن ماددىلارنى تەتبىقلاپ، ئۆلچىگەن جازاسى مۇۋاپىق. سوت تەرتىۋى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان. شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 225- ماددا 1- تارماق 1- تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كېسىم قىلىندى:

نارازىلىق قىلغۇچى قارى تىلىۋالدىنىڭ نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن.

بۇ كېسىم ئاخىرقى سوت كېسىمى بولىدۇ.

باش سوتچى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم

مۇۋەققەت سوتچى ئابلىمىت مەمەت

مۇۋەققەت سوتچى جۈرئەت ئۆمەر

  2016-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى

پۈتۈكچى ئالىمجان ئابدۇغىنى

责任编辑:阿不都克热木    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1278278
分享到:
关闭窗口
您是第 9294654 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094