添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2015) ق ئو س ج ئا 309–نۇمۇرلۇق

作者:普尔卡提  2016-08-22 17:46:23


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى

(2015) ق ئو س ج ئا 309–نۇمۇرلۇق

ئەسلى ئەيىبلىگۈچى ئورگان پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچى) دولقۇن ئوسمان، ئەر، ئۇيغۇر، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاقلىغۈچىسى يۈسۈپئىلى ياسىن، شىنجاڭ دېشىن ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2008)32-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەشنامىسى ئارقىلىق، ئەسلى سوتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچى دولقۇن ئوسماننى خىيانەتچىلىك جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ شىكايەت قىلىپ ئەيىبلىگەن دېلوسىنى سوت قىلىپ، (2008) 68-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار دولقۇن ئوسماننىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇددەتلىك 1يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، ئىككى يىل كىچىكتۇرۇشكە ھۆكۈم قىلغان. ئەسلى سوتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچى دولقۇن ئوسمان يۇقارقى ھۆكۈمنامىگە قارىتا نارازىلىق ئەرز بەرمىگەن. ھۆكۈم كۈچگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەسلى سوتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچى دولقۇن ئوسمان پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز قىلغان. پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەت تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىپ، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى (2010) ج ي د 1-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسمنامىسى ئارقىلىق ئەسلىدىكى (2008) پ ج د 68-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسنى كۈچگە ئىگە قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان. ئىلتىماس قىلغۇچى دولقۇن ئوسمان كېسىمگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازلىق ئەرىز بەرگەن. مەھكىمىمىز نارازىلىق ئەرز تەرتىۋى بويىچە قاراپ چىقىپ (2014) ق ئو س ج ئا 139-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرغان. پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قايتىدىن كېڭەشمە سوت ئويۇشتۇرۇپ سوت قىلىپ، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى (2014) پ ج د 117-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى ئارقىلىق يەنە ئەسلىدىكى (2008) پ ج د 68-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسنى كۈچگە ئىگە قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان. ئەسلى سوتتىكى ئىلتىماس قىلغۈچى دولقۇن ئوسمان كېسىمگە قايىل بولماي قايتا مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن. مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دېلونى ئوچۇق رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شوبىسى ئەۋەتكەن تەپتىش رەيانگۇل تۇرسۇن، ئاسىمگۇل نىيازلەر سوتقا چىقىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئەسلى سوتتىكى ئىلتىماس قىلغۈچى دولقۇن ئوسمان، ئاقلىغۈچىسى يۈسۈپئىلى ياسىنلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دېلو ھازىر سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، ئەسلى سوت ھۆكۈمنىڭ پاكىتى ئىنىق ئەمەس، دەلىل ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، بىر تەرەپ قىلىشى توغرا بولمىغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 225-ماددا 1-تارماق (3)-تارماقچىسىنىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كېسېم قىلىندى .

1. پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى (2014) پ ج د 117-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى كۈچتىن قالدۇرۇلدى.

2.مەزكۇر دېلو پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇلدى.

بۇ كېسىم ئاخىرقى كېسىم بولىدۇ.

باش سوتچى  غالىپجان تۇرسۇن

مۇۋەققەت سوتچى پۇرقەت ئابدۇشكۇر

مۇۋەققەت سوتچى  ئابلىمىت مەمەت

             2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى

پۇتۈكچى  مەمەتئىلى ئەبەيدۇللا

责任编辑:普尔卡提    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1254568
分享到:
关闭窗口
您是第 9294652 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094