添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 31 ج ئا 139-نۇمۇر

作者:阿不力米提  2016-08-22 17:47:50


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ كېسىمنامىسى

(2016) ش 31 ج ئا 139-نۇمۇر

نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى) ئابدۇراخمان ئابلىكىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى، (新QL3590 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدىگۈچى).

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابلىكىم مەمەتيار، ئەر، ئۇيغۇر، (ئابدۇراخمان ئابلىكمنىڭ دادىسى).

نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى) تۇردى ئوسمان، ئەر، ئۇيغۇر، (新QL3590 نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ مۈلۈك ئىگىسى) .

ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئەكبەرجان ھەبىبۇللا، شىنجاڭ فاخىڭ ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئوۋ ياڭ گۇۋاڭ مىڭ، ئەر، خەنزۇ، (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئوۋياڭ xxxنىڭ دادىسى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر چىيەن گو جۈن، ئايال، خەنزۇ، (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئوۋياڭ xxxنىڭ ئانىسى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ھىيىت ئوبۇل، ئەر، ئۇيغۇر، (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى قۇرxxxنىڭ دادىسى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر رىزۋانگۇل قۇربان، ئايال، ئۇيغۇر، (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى قۇرxxxنىڭ ئانىسى).

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇۋەلى مەمەتئىمىن، شىنجاڭ فاخىڭ ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر يۇ يوۋ شى، ئەر، خەنزۇ، (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى يۇ xxxنىڭ دادىسى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر تاۋ يوۋ مى، ئايال، خەنزۇ، 1963-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى، 4201196307242322 خۇبى ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى شىنجۇۋ رايونىدىن (ھادىسىدە قازا قىلغۇچى يۇ xxxنىڭ ئانىسى).

ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار قادىرجان لىتىپ، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، ھازىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتىدۇ.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتى. (ھادىسسە سادىر قىلغان新Q30500 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى سۇغۇرتىغا ئالغان شىركەت)

قانۇنى ۋەكىلى بو xxx، كونىشەھەر ناھىيلىك تارماق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى.

ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئەكرەمجان ، جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قەشقەر شۆبە شىركىتىنىڭ دېرىكتورى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى يىڭسار ناھىيلىك تارماق شىركىتى (新QL3590 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى سۇغۇرتىغا ئالغان شىركەت)

قانۇنى ۋەكىلى لى xxx، يىڭسار تارماق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى.

قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى قەشقەر تۈمەنقۇت تىرانسىپورىت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى.

قانۇنى ۋەكىلى مەمەترىشات ، شىركەتنىڭ دېرىكتورى.

يىڭسار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يىڭسار ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن جاۋابكار قادىرجان لىتىپنىڭ قاتنش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى دىلوسىنىڭ  قوشۇمچە ھەق-تەلەپ قىسمىنى ئايرىپ سوت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى (2014) ي ج د چىقىش 189-1-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقارغان، ھۆكۈمگە ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم، تۇردى ئوسمانلار قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دىلونى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ سوت زالىدا ئوچۇق رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابلىكىم مەمەتيار، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى تۇردى ئوسمان، ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئەكبەرجان ھەبىبۇللا، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى ئوۋ ياڭ گۇۋاڭ مىڭ، چىيەن گوجۈن، رىزۋانگۇل قۇربان ۋە ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئابدۇۋەلى مەمەتئىمىن، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئەكرەمجان ئەركىن، تۈمەنقۇت شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى مەمەترىشات مەمەتئىمىن سوتقا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

ئەسلى سوت ھۆكۈمىدە: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچقۇرۇن، جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ئۆزىنىڭ قەشقەر تۈمەنقۇت تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يۆلەنچۇك قىلغان 30500新Q نۇمۇرلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پوسكام ناھىيەسىدىن قەشقەر شەھىرى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 22 دىن 55 مىنوت ئۆتكەندە تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 3012-لىنيە㎞+336.9m1450 يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئۆز يولىدىن چەتنەپ چىقىپ قارشى تەرەپتە ئۆز يولىدا كىتىۋاتقان قازا قىلغۇچى ئوۋ ياڭ xxx ھەيدىگەن 新QN9072 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى پىكا ماشىنا ئۆتۈشۈش جەريانىدا سوقۇشقان، ھادىسىدە ئوۋ ياڭ پىڭفى ئېغىر زەخمىلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. ھادىسىدىن كىيىن جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ھەيدىگەن ماشىنا يولدا توغرىسىغا توختاپ قالغان، جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ھادىسە سادىر بولغاندىن كىيىن يارلىنىپ، قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويالمىغان، قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا ھادىسىنى مەلۇم قىلالمىغان، 15 مىنوت ئۆتكەندىن كىيىن ئابدۇراخمان ئابلىكىم تۇردى ئوسماننىڭ 新QL3590 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا قازا قىلغۇچى يۇ xxx ۋە قۇxxxنى سىلىپ يىڭسار ناھىيەسىدىن يەكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ھادىسە سادىر بولغان ئورۇنغا كەلگەندە قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەنلىك سەۋەبىدىن يولدا توغرىسىغا توختاپ قالغان قادىرجان لىتىپنىڭ 30500新Q نۇمۇرلۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ قۇيرۇق قىسمىغا سوقۇلغان، نەتىجىدە ماشىنىدا ئولتۇرغان قۇربانجان ھىيىت ۋە يۇ شىياۋ شىيوڭ نەق مەيداندا قازا قىلغان.

يىڭسار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىشخانىسى « ئۆلگۈچى ئوۋ ياڭxxx، قۇxxx، يۇ xxxھايات ۋاقتىدا قاتناش ھادىسسىگە ئۇچراپ، كۆكرەك ۋە باش قىسمى زەخمىلىنىپ ئىچكى ئەزالار يېرىلىپ ئۆلگەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.

30500新Q نۇمۇرلۇق يۈك ماشىنىسى بىلەن 新QN9072 نۇمۇرلۇق خەيگى ماركىلىق پىكا ماشىنا ئوتتۇرسىدىكى قاتناش ھادىسسىگە قارىتا، يىڭسار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈپ (2014) 95-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسسى ئىتىراپنامسىى ئارقىلىق «جاۋابكار قادىرجان لىىتپ بۇ قىتىملىق ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئوۋ ياڭ xxx بۇ قىتىملىق ھادىسىدە قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئىتىراپنامە چىقارغان.

30500新Q نۇمۇرلۇق يۈك ماشىنىسى بىلەن 新QL3590 نۇمۇرلۇق چاڭئەن ماركىلىق كىچىك ماشىنا ئوتتۇرسىدىكى ھادىسىگە قارىتا يىڭسار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈپ (2014) 96-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسسى ئىتىراپنامسىى ئارقىلىق «جاۋابكار قادىرجان لىىتپ بۇ قىتىملىق ھادىسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئابدۇراخمان ئابلىكىممۇ بۇ قىتىملىق ھادىسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆلگۈچى قۇxxx، يۇ xxxلار مەسئۇلىيەتسىز» دەپ ئىتىراپنامە چىقارغان دەپ بىكتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى» نىڭ 119-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول-قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 76-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇغۇرتا قانۇنى» نىڭ 65-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقوققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» نىڭ 9-ماددا، 17-ماددا، 49-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوتلاشتا قانۇن تەدبىقلاشقا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 17-ماددا، 20-ماددا، 22-ماددا، 29-ماددا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ يول قاتناش ھادىسسى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوتلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىللەر ھەققىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 3-ماددا، 16-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن (1) جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتى ئوۋ ياڭ گۇاڭمىڭ، چىيەن گوجۈنلەرگە 342522 يۈەن تولەش (2) جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتى ھىيىت ئوبۇل، رىزۋانگۇل قۇربانلارغا 205000 يۈەن تولەش (3) جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتى يۇ يوۋشى، تاۋ يوۋمىلارغا 205000 يۈەن تولەش(4) جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ھىيىت ئوبۇل، زىزۋانگۇل قۇربانغا 36466 يۈەن تۆلەش (5) جاۋابكار قادىرجان لىتىپ يۇ يوۋشى، تاۋ يوۋمىلارغا 39905 يۈەن تۆلەش (6) قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم ھىيىت ئوبۇل، زىزۋانگۇل قۇربانغا 94466 يۈەن تۆلەش (7) قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم يۇ يوۋشى، تاۋ يوۋمىلارغا 89905 يۈەن تۆلەش (8) قەشقەر تۈمەنقۇت تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ئۈستىگە ئالىدىغان 4-، 5-تارماقتىكى تۆلەمگە قارىتا چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىش (9) قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى تۇردى ئوسمان 6-، 7-تارماقتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەمگە قارىتا چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشقا ھۆكۇم قىلغان. ھۆكۈمگە ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم «بىز يىڭسار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇرەسسە ھەيئىتىدە مۇرەسسە ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىلىشىم بويىچە ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ بەرسە» دىگەن مەزمۇندا، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى تۇردى ئوسمان «مەن ھادىسە سادىر بولغاندىن كىيىن ھىيىت ئوبۇل، رىزۋانگۇل قۇربانلارغا ئىككى قىتىم 100000 مىڭ يۇەن نەخ پۇل، 9100 يۈەن قىممىتىدە ماددى بويۇم ئاپىرىپ بەرگەنتىم، ئەسلى سوت بىرىنجى قىتىم بەرگەن 90000 مىڭ يۇەننى تولەم پۇلىدىن چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ كىيىنكى قىتىم بەرگەن 10000 يۇەن نەخ پۇل ۋە ئويىگە ئاپىرىپ بەرگەن 9100 يۇەن قىممىتىدىكى ماددى بويۇمنى تولەمدىن چىقىرۋىتىپ ھىساپلىمىدى، ھادىسسە سادىر بولۇشتىن بۇرۇن مەن قۇربانجان ھىيىتقا 40000 يۈەن پۇل سىلىپ بەرگەن، بۇ پۇلنىمۇ تۆلەمدىن چىقىرۋەتمىدى، ئوتتورا سوت مەھكىمىسى بۇ تەرەپلەرنى ئويلۇشۇپ ئادىل ھۆكۇم چىقىرىپ بەرسە» دىگەن مەزمۇندا مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشمىزچە، ئەسلى سوت ھۆكۈمىدە بىكتىلگەن پاكىت مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغان پاكىت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ئىنىقلاندى.

يۇقارىقى پاكىتلارنى يىڭسار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ (2014) 189-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى، يىڭسار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2014) 95-، 96-نۇمۇرلۇق يول-قاتناش ھادىسسى ئىتراپنامىسى، 30500新Q ماشىنىنىڭ سۇغۇرتا توختىمى، 新QL3590 نۇمۇرلۇق چاڭئەن ماركىلىق كىچىك ماشىنىنىڭ سۇغۇرتا توختىمى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرى ئۇچۇرىنى ئېنىقلاش جەدۋىلى ۋە يۆلەنچۈكلۈك توختامى، زىيانلانغۇچىلار ۋە قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ سالاھىيەت ئسپاتى، قەشقەر شەھەرلىك دەپنە پونكىتىنىڭ ھەق ئىلىش تالونى، قاتناش كىرا، ياتاق بىلەتلىرى قاتارلىق ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلار ئوبىكتىپ، باغلىنىشلىق، قانۇنلۇق بولوپ، سوت تەكشۇرۇشىدىن ئۆتكۇزۇلۇپ، سوت ئۇستىدە بىكتىلگەن، دىلو پاكىتىنى بىكتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق ھوقوقى، قانۇن تەرىپىدىن قوغىدىلىدۇ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىغا چېقىلغانلار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ سوتتا ئوتتورغا قويغان «بىز يىڭسار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇرەسسە ھەيئىتىدە مۇرەسسە ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىلىشىم بويىچە ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ بەرسە» دىگەن نارازىلىقىنى تەكشۇرگۇنىمىزدە، ئەينى ۋاختىدا تۇزۇلگەن مۇرەسسە كىلىشىمى جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ۋە جۇڭگو خەلق مال مۇلۇك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتى قاتناشمىغان ئەھۋالدا تۈزۇلگەن، كىلىشىمدە تەرەپلەر ئۆز مەيلىچە جاۋابكار قادىرجان لىتىپ ۋە سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەمنى ئايرىپ چىقارغان، كىلىشىم تۈزۈلگەندىن كىيىنمۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئىتىراپ قىلشىدىن ئۆتمىگەن، سۇغۇرتا شىركىتىمۇ تۆلەم بەرمىگەن، كىلىشىم تولۇق ئادا بولمىغان، شۇڭا ئەسلى سوتنىڭ مەزكۇر كىلىشىمنى دىلو پاكىتى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلماسلىقى توغرا بولغان. ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى تۇردى ئوسمان ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ سوتتا ئوتتورغا قويغان «مەن ھادىسە سادىر بولغاندىن كىيىن ھىيىت ئوبۇل، رىزۋانگۇل قۇربانلارغا ئىككى قىتىمدا 100000 مىڭ يۇەن نەخ پۇل، 9100 يۈەن قىممىتىدە ماددى بويۇم ئاپىرىپ بەرگەنتىم، ئەسلى سوت بىرىنجى قىتىم بەرگەن 90000 مىڭ يۇەننى تولەم پۇلىدىن چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ كىيىنكى قىتىم بەرگەن 10000 يۇەن نەخ پۇل ۋە 9100 يۇەن قىممىتىدىكى ماددى بويۇمنى تولەمدىن چىقىرۋىتىپ ھىساپلىمىدى، ھادىسسە سادىر بولۇشتىن بۇرۇن مەن قۇxxxقا 40000 يۈەن پۇل سىلىپ بەرگەن، بۇ پۇلنىمۇ تۆلەمدىن چىقىرۋەتمىدى، ئوتتورا سوت مەھكىمىسى بۇ تەرەپلەرنى ئويلۇشۇپ ئادىل ھۆكۇم چىقىرىپ بەرسە» دىگەن نارازىلىقىنى تەكشۇرگۇنىمىزدە، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى تۇردى ئوسمان، ھىيىت ئوبۇل ۋە رىزۋانگۇل قۇربانلارغا نەزىر چىراق ئىشلىرى ئۇچۇن بەرگەن 10000 مىڭ يۇەن نەخ پۇل ۋە 9100 يۇەن قىممىتىدىكى ماددى بويۇمغا قارىتا ئەسلى سوتتا باشقىچە پىكىردە بولمىغان، بۇ قىتىم دىلونى سوت قىلىش جەريانىدىمۇ مەھكىمىمىزنى يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى، ھادىسسىدە قازا قىلغۇچى قۇربانجان ھىيىتنىڭ كارتىسىغا سەپ بەرگەن 40000 مىڭ يۇەن پۇل ھادىسسە يۇز بىرىشتىن ئىلگىرى بەرگەن پۇل بولوپ نىمە سەۋەپتىن ېبرىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇ پۇلغا قارىتا ئايرىم دەۋا قىلىشقا تىگىشلىك، ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ دىلو پاكتىنى، خاراكتىرىنى بىكتىشى، قانۇن ماددىلارغا تەدبىقلىشى توغرا، قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىنى بىر تەرەپ قىلشى مۇۋاپىق، سوت قىلىش تەرتىۋى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكارى ئابدۇراخمان ئابلىكىم، تۇردى ئوسمانلارنىڭ نارازىلىغىدا ئوتتورغا قويغانلىرنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ رەت قىلىش كىرەك، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىناي ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 225-ماددا 1-تارماق (1)-تارماقچىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى.

نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى سوت ھۆكۇمى كۇچكە ئىگە قىلىندى.

بۇ كېسىم ئاخىرقى كېسىم بولىدۇ.

باش   سوتچى پۇرقەت ئابدۈشكۈر

مۇۋەققەت سوتچى ئابلىمىت مەمەت

مۇۋەققەت سوتچى جۈرئەت ئۆمەر

     2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

پۈتۈكچى    ئالىمجان ئابدۇغىنى 

责任编辑:阿不力米提    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1510909
分享到:
关闭窗口
您是第 9838011 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094