添加收藏   设为首页  
首页法院概况新闻中心法学思想法官风采法苑文化生效裁判文书普法天地开庭公告教育实践活动法律法规生效维文裁判文书
  当前位置:生效维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 31 ج ئا144–نۇمۇرلۇق

作者:居来提  2016-08-22 17:49:29


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ

جىنايى ئىشلار كىسىمنامىسى

(2016) ش 31 ج ئا144–نۇمۇرلۇق

ئەسلى ئەيىپلىگەن ئورگان: قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋاپكار) جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتى.

ۋەكىلى شىيۇڭ شىيۇڭ، مەزكۈر شىركەتىنىڭ دىرىكتۇرى.

ھوقۇق بىرىلگەن دەۋا ۋاكالەتچىسى ئايۇپجان قۇربان، جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قەشقەر شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئامانگۈل ئازنى، ئايال، تاجىك، ( ھادىسىدە قازا قىلغۇچىنىڭ ئايالى ) .

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئازنىبەگ ئەنۋەر، ئوغۇل، تاجىك، ( ھادىسىدە قازا قىلغۇچىنىڭ ئوغلى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ھەمدۇللا ئاخۇن، ئەر، تاجىك. ( ھادىسىدە زەخىملەنگۈچى ) .

ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام، ئەر، قىرغىز، ، ھازىر قاماقخاندا قاماقتا.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار نۇرمەمەت ھەمدۇللا، ئەر، ئۇيغۇر، (R15217新نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچىسى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار ئابدۇرسۇل مەمەتتۇرسۇن، ئەر، ئۇيغۇر، ( 新R15217 نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى).

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار خوتەن ئەزىم يۈك تىرانسپۇرت چەكلىك شىركىتى

قانۇنى ۋەكىلى مەتتۇرسۇن ، مەزكۇر شىركەتىنىڭ مەسئۇلى.

قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەن، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئامانگۈل ئازنى، ئازنىبەگ ئەنۋەر، ھەمدۇللا ئاخۇن قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان، جاۋاپكار ئەيسا ئىسلامنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى دىلوسىدا (2016) ش 3126 ج د 118-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقارغان. ھۆكۈمگە ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپدەۋاسىدىكى جاۋابكار جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتى قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۇنى قانۇن بويىچە ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئايۇپجان قۇربان، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئامانگۈل ئازنى، ھەمدۇللا ئاخۇن، ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار نۇرمەمەت ھەمدۇللا سوتقا قاتناشتۇرۇلدى. ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئازنىبەگ ئەنۋەر، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋاپكار ئابدۇرسۇل مەمەتتۇرسۇن، خوتەن ئەزىم يۈك تىرانسپۇرت چەكلىك شىركىتى سوتقا چاقىرتىلغان بولسىمۇ سوتقا كەلمىدى. ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىنىپ ئاخىرلاشتى.

قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە: ‹‹2015-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00:50 لەر ئەتىراپىدا، جاۋابكار ئەيسا ئىسلام ئۆزنىڭ 新QA170 نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقىلىق موتوتسىكىلىتىنى ھەيدەپ، دۆلەت يولى 219-لىنىيەسىنى بويلاپ جەنۇپىتىن شىمالغا قاراپ كىتىۋىتىپ، قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يىزىسىغا كەلگەندە، يەنى دۆلەت يولى 219-لنىيەسى 46 كىلۇمىتىر 558.90 مىتىرىلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول ياقىسىدا توختاپ新R15217نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ چاقىنى ئالماشتۇرۋاتقان زىيانلانغۈچى ۋە ھەمدۇللا ئاخۇن، ئابدۇرسۇل مەمەتتۇرسۇن قاتارلىقلارنى سوقىۋەتكەن. نەتىجىدە ھەمدۇللا ئاخۇن ئىغىر يارلانغان، زىيانلانغۇچى قوتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. قاغىلىق ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسىدا: 《جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام ‹يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى يول قويۇش نىزامى› نىڭ 46-ماددىسى 3- تارمىقىدىكى ‹تۇمان، يامغۇر، قار، قۇم بوران، مۆلدۇرگە يولۇقۇپ، كۆرگىلى بولۇش دەرىجىسى 50 مىتىر ئىچىدە بولغاندا، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 30 كىلۇمىتىرىدىن ئاشۇرۋىتىشكە بولمايدۇ›، ‹يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى› نىڭ 51-ماددىسىدىكى‹ موتوتسىكىلىت ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويۇنچە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيشى كىرەك› دىگەن بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ. ئابدۇرسۇل مەمەتتۇرسۇن ‹يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى› نىڭ 60-ماددىسىدىكى ‹يول ئۈسىتىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىدا كاشلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسى يۈز بىرىپ، قاتناشقا تەسر يەتكۈزسە ھەم يۆتكەش قىيىن بولسا، بەلگىلمە بويۇنچە خەتەر سىگىنال چىرىقىنى ياندۇرۇشى ھەمدە ئاپتۇموبىل ئارقىسىدىن 50 مىتىردىن 100 مىتىرغىچە كىلىدىغان جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇش يەنە دائىرە چىرىقى ۋە ئارقا چىراقنى تەڭ ياندۇرۇپ قويۇش لازىم› دىگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قتىمىقى ھادىسىدە قوشۇمچە مەسئۇلىيەتىنى ئۈسىتگە ئالدۇ. زىيانلانغۇچى، ھەمدۇللا ئاخۇن بۇ قىتىمىقى ھادىسدە ھىچقانداق جاۋابكارلىقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ》دەپ بىكىتكەن. قاغىلىق ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ‹زىيانلانغۇچىنىڭ بەدىنىنى ھەركەتچان، گال جىسىمىنىڭ سوقىۋىتىشى نەتىجىسدە، كۆكرەك قىسمىدىكى رەئىس ئەزالار زەخملىنىپ ئۆلگەن› دەپ بىكىتكەن. شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسىلىرىدىكى ماددى ئسىپاتلارنى باھالاش مەركىزنىڭ قاتناش ھادىسىلرىنى تىخنكىلىق باھالاش يەكۈنىدە، ‹جاۋابكار ھەيدەپ ماڭغان新QA170نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقىلىق موتوتسىكىلىتنىڭ سوقۇلغاندىكى سائەتلىك سۈرئىتى 47 كىلۇمىتىر› دەپ بىكتكەن. يەنە ئىنقلىشىچە: جاۋابكار ھەيدىگەن新QA170 موتسكلىت جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىگە مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان، قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى ھەيدىگەن 新R15217 نۇمۇرلۇق ماشىنا جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىگە مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا ۋە سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ماشىننىڭ مەجبۇرى سۇغۇرتا ۋە سودا سۇغۇرتا تۆلەم دائىرىسى 910 مىڭ يۇەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچۈنجى كىشى سودا سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلەم دائىرسى 300000 يۈەن. بۇ ماشىنا خوتەن ئەزىم يۈك تىرانسپۇرت چەكلىك شىركىتگە ئەنگە ئالدۇرۇلغان. سوت قىلىش جەريانىدا جاۋابكار ئىقتسادى تۆلەم ئۈچۈن 50000 يۈەننى سوتقا تاپشۇرغان. ۋەقەدە كىلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان: زىيانلانغۇچىنىڭ دەپىنە ھەققى 26735.50 يۈەن، ئۆلۈم تۆلىمى يىللىقى 23214 يۈەندىن 20 يىللىقى 464820 يۈەن، مىيىتنى ئۇزاتقۇچى 3 ئادەمنىڭ مىيىتنى ئۇزۇتۇش جەريانىدىكى 15 كۈندىن ئىشتىن قىلىش ھەققى كۈنلىكى 146 يۈەندىن 6570 يۈەن، ئازنىبەگ ئەنۋەرنىڭ بىقىلىش ھەققى يىللىقى 17685يۈەندىن بىر يىللىقى 17685 يۈەننىڭ يىرىمى 8842.50 يۈەن، قاتناش چىقىمى 364 يۈەن، جەمئى 507332يۈەن. قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ كىلىپ چىققان ئىقسادى زىيىنى: زىيانلانغۇچىنىڭ 15 كۈنلۇك بالىنستا يىتىپ داۋالىنىش جەرياندىكى كەتكەن چىقىم 10592.31 يۇەن، تەكشۈرۈتۈش چىقىمى 577.2 يۇەن، 15 كۈنلۇك ئىشتىن قىلىش چىقىمى كۈنلىكى146 يۇەندىن 2190 يۇەن، قارىغۇچىنىڭ ئىشتىن قىلىش چىقىمى كۈنلىكى 146 يۇەندىن 15كۈنلىكى 2190 يۇەن، 15 كۈنلۇك ئوزۇقلىنىش چىقىمى كۈنلىكى 25 يۇەندىن 375 يۇەن، 15 كۈنلۇك تاماق ياردەم پۇلى كۈنلىكى 25 يۇەندىن 375 يۇەن بولۇپ جەمئى 16299.51يۇەن›› دەپ پاكىت بىكىتىپ، ‹‹جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام دۆلەت قانۇننى كۆزىگە ئىلماي، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قاتناش ھادىسى پەيدا قىلىپ، بىر ئادەمىنىڭ ئۆلۇپ كىتىشتەك ئاقىۋەتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن، قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغاندىن سىرىت، زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىزادى زىيانلىرىنى مەسئۇلىيەت دائىرسى بويىچە تۆلەشكە تىگىشللىك. لىكىن جاۋابكار موتوتسىكىلىتنى مەجبۇرىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان بولغاچقا، سۇغۇرتا شىركىتى جاۋابكار ئەيسا ئىسلام تۆلەشكە تىگىشلىك زىياندىن ئۆزىنىڭ تۆلەم دائىرسىدىكى زىياننى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك. ئىشىپ قالغان قىسمىنى جاۋابكار ئەيسا ئىسلام ئۆزى ئۈستىگە ئىلىپ تۆلەشكە تىگىشلىك. زىيانلانغۇچى ھادىسە چىقارغان ئىككىلا قاتناش ۋاستىسىگە نىسبەتەن ئۈچۈنجى شەخىس ھىساپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلا قاتناش ۋاستىسى بىر سۇغۇرتا شىركىتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەجبۇرىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولغاچقا سۇغۇرتا شىركىتى زىيانلانغۇچىغا ئىككى قاتناش ۋاستىسى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچۈنجى شەخىس تۆلەم دائىرسى بويىچە تۆلەم بىرىش كىرەك. ئىشىپ قالغان قىسمىنى مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە جاۋابكار ئەيسا ئىسلام %60 ئىقدىسادى زىياننى تۆلەش كىرەك. %40 ئىقدىسادى زىياننى قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكىرى نۇرمەمەت ھەمدۇللا، ئابدۇرۇسۇل مەمەتتۇرسۇن، ۋە خوتەن ئەزىم يۈك تىرانسىپورت چەكلىك شىركىتى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىپ تۆلەش كىرەك ئىدى. لىكىن ئۇلار ئاپتوموبىلنى سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان، ئۈچۈنجى كىشى سودا سۇغۇرتا تۆلەم دائىرىسى 300000يۈەن بولغاچقا زىيانلانغۇچىنىڭ %40 ئىقدىسادى زىيىننى تۆلەشكە يىتىدۇ. شۇڭا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بولغاچقا باشقا ئۈچ نەپەر قوشۇمچە ھەق-تەلەپ جاۋابكىرىنىڭ تۆلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى ھەمدىللا ئاخۇننىڭ ئەمەلىي ئىقدىسادى زىيىنى 16299.5يۈەن بولسىمۇ، دەۋا نىشانى 13889يۈەن بولغاچقا دەۋا تەلىپىدىن ئىشىپ كەتكەن، 2410.5 يۈەننى ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قاراش كىرەك. ئەيپلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتكەن جىنايەت نامى، پاكىتى ۋە قانۇن ماددىسىنىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا بۇلۇپ قوللاش كىرەك›› دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى، 36-ماددا 1-تارماق، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدىلىيىلىك ئىزاھات››نىڭ 155-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 76-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ۋەقەلىرىدىكى زىياننى تۆلەش دىلولىرىنى سوت قىلغاندا قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 3-ماددا، 16-ماددا 1-تارمىقى، 17-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 25-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن : 1-جاۋاپكار ئەيسا ئسلامنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بىرىش؛ 2-زىيانلانغۇچى ئەنۋەر باراتىنىڭ ئومۇمى ئىقسادى زىيىنى 507332 يۇەندىن قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى، قاغىلىق تارماق شىركىتى جاۋابكار ئەيسا ئىسلام ھەيدەپ ماڭغان 新QA170 نۇمۇرلۇق موتوتسىكىلىتنىڭ مەجبۇرى سۇغۇرتا تۆلەم دائىرىسى ئىچىدە 110 مىڭ يۇەننى، 新R15217 نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ مەجبۇرى سۇغۇرتا تۆلىمى دائىرسى ئىچدە 110 مىڭ يۇەننى، زىيانلانغۇچى ئەنۋەر باراتنىڭ يەنە قېلىپ قالغان ئىقدىسادى زىىيىنى 287332 يۇەننىڭ %40 تى بويىچە 114932.80 يۇەننى، 新R15217 نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچۈنجى كشى سودا سۇغۇرتىسى دائىرىسى بويىچە قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى ئامانگۇل ئازنى، ئازنى بەگ ئەنۋەرلەرگە تۆلەش؛ 3- زىيانلانغۇچى ئەنۋەر باراتنىڭ قىپ قالغان ئىقدىسادى زىىيىنى 287332 يۇەننىڭ %60 تى 172399.2يۈەننى جاۋابكار ئەيسا ئىسلام ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى ئامانگۇل ئازنى، ئازنى بەگ ئەنۋەرلەرگە تۆلەش(بۇنىڭدىن 50000يۈەننى سوت مەھكىمىسىگە ئالدىن تۆلەپ بولغان)؛ 4- قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ ئومۇمى ئىقسادى زىينى 16299.51 يۇەندىن ئۆزىنىڭ دەۋا نىشىانىدىكى 13889يۈەننى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتى، ئۈچۈنجى كىشى مەجبۇرىيەت سۇغۇرتىسىنىڭ دەۋالىنىش دائىرسى بويىچە قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى ھەمدىللا ئاخۇنغا تۆلەش؛ قالغان 2410.51 يۈەننى ئۆزلىكىدىن دەۋادىن كەچكەن دەپ قاراشقا ھۆكۇم قىلغان. ھۆكۈم تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كىيىن، ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتى ھۆكۈمگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز بەرگەن.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتى: ‹‹ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە سۇغۇرتا شىركىتىگە زىيان ئارتىش توغرا ئەمەس. ھادىسە سادىر بولغاندا 新R15217 نومۇرلۇق ئاپتوموبىل توختۇتۇپ قويۇلغان ھالەتتە بولۇپ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. چاق ئالماشتۇرۇش جەريانىدا كىلىپ چىققان يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن زىيانلانغۇچىلار ئارىسىدا قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپى ھادىسە. ئەنۋەر بارات بىلەن ھەمدۇللا ئاخۇننى سۇغۇرتا توختامىدىكى 3- كىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ ›› دىگەن مەزمۇندا نارازىلىق ئەرىز بەرگەن. سوتتىمۇ ئوخشاش مەزمۇندا پىكىر بايان قىلدى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئامانگۈل ئازنى سوتتا: ‹‹ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسى توغرا بولدى، نارازىلىق ئەرىزنى رەت قىلىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىنى كۈچگە ئىگە قىلسا›› دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەردى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر نۇرمەمەت ھەمدۇللا سوتتا: ‹‹ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسى توغرا بولدى، نارازىلىق ئەرىزنى رەت قىلىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىنى كۈچگە ئىگە قىلسا›› دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەردى.

ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام سوتتا: ‹‹ قىلمىشىمغا تۆۋە قىلدىم، مىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىم يوق، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسى توغرا بولدى›› دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەردى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار نۇرمەمەت ھەمدۇللا سوتتا: ‹‹ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسى توغرا بولدى، نارازىلىق ئەرىزنى رەت قىلىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىنى كۈچگە ئىگە قىلسا›› دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەردى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: مەھكىمىمىز 2-سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان پاكىت، ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىت بىلەن ئوخشاش.      

يۇقارقى پاكىتلارنى تۆۋەندىكى دەلىل ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ:

جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام ۋە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، قاتناش ھادىسىلىرى دىلولىرىنى قوبۇل قىلىپ تىزىملاش جەدۋىلى، قاغىلىق ناھىيىلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ (2015) 230-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى، شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسلىرىدىكى ماددى ئسىپاتلارنى باھالاش مەركىزنىڭ (2015) DL1501 نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىلىرىنى تىخنكىلىق باھالاش يەكۈنى، قاغىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2014) 128-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسى، 新QA170 نۇمۇلۇق موتوسىكىلىتنى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىنىڭ مەجبۇرى سۇغۇرتسىغا قاتناشتۇرغان سۇغۇرتا توختامنامىسى ۋە新R15217 نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىگە مەجبۇرى سۇغۇرتا ۋە سودا سۇغۇرتىسى بويۇنچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان سۇغۇرتا توختامنامىسى، ھەمدۇللا ئاخۇن نامىدىكى داۋالىنىش تالۇنى، تەكشۈرۈتۈش تالۇنى، كىسەللىك تارىخى، قاتناش كىرا چىقىمى، ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ بايانى، ئابدۇرۇسۇل مەتتۇرسۇننىڭ بايانى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ئامانگۈل ئازنىنىڭ گۇۋاھلىقى، نۇرمەمەت ھەمدۇللا، ئابلەت قاسىم، مەمەتتۇرسۇن ئابلالار بىلەن ئېلىپ بىرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى، جاۋاپكار ئەيسا ئىسلامىنىڭ ئىقرارى، نوپۇس ئۆچۈرۈش ئىسىپاتى، نەخ مەيدان خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو سۈرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كېلىش مەنبىئى، شەكلى ۋە مەزمۇنى قانۇنلۇق، دېلو پاكىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئەسلى سوتتا تەكشۈرۈشتە بىرمۇ-بىر يۈزلەشتۇرۇلۇپ، ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ھەمدە مۇكەممەل بولغان دەلىل-ئىسپاتلار سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئەيسا ئىسلامنىڭ دۆلەت قانۇننى كۆزگە ئىلماي، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئەنۋەر باراتنىڭ ئۆلۇشى، ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن، قاتناش ھادىسسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جازالاش كىرەك. ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئەيسا ئىسلامنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئەنۋەر بارات قازا قىلغان، ھەمدۇللا ئاخۇن زەخمىلىنىپ ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ زىيانلارنى ئەسلى سوتتىكى جاۋاپكار ئەيسا ئىسلام ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەت چەك دائىرىسى ئىچىدە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ ئىقتسادى زىيانلىرىنى تۆلەپ بىرىشى كېرەك. ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار ئابدۇرسۇل مەمەتتۇرسۇن يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختۇتۇپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئەنۋەر باراتنىڭ ئۆلۇشى، ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھادسىدىكى قوشۇمچە مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى دائىرىسى ئىچىدە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ ئىقتسادى زىيانلىرىنى تۆلەپ بىرىشى كېرەك. ۋەقە سادىر قىلغان新QA170 نومۇرلۇق ئۇچ چاقلىق موتوتسىكىلىت جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىگە مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇغۇرتا شىركىتى جاۋابكار ئەيسا ئىسلام تۆلەشكە تىگىشلىك زىياندىن ئۆزىنىڭ تۆلەم دائىرسىدىكى زىياننى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك. نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىنىڭ ‹‹ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىدە سۇغۇرتا شىركىتىگە زىيان ئارتىش توغرا ئەمەس. ھادىسە سادىر بولغاندا 新R15217 نومۇرلۇق ئاپتوموبىل توختۇتۇپ قويۇلغان ھالەتتە بولۇپ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ، بۇ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن زىيانلانغۇچىلار ئارىسىدا قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپى ھادىسە. زىيانلانغۇچى بىلەن ھەمدۇللا ئاخۇننى سۇغۇرتا توختامىدىكى 3- كىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ›› دىگەن مەزمۇندىكى نارازىلىق ئەرزىنى تەكشۈرگەندە، ئەنۋەر بارات، ھەمدۇللا ئاخۇن قاتارلىق زىيانلانغۇچى ھادىسە چىقارغان ئىككىلا قاتناش ۋاستىسىگە نىسبەتەن ئۈچۈنجى شەخىس ھىساپلىنىدۇ. شۇنداقلا نەخ مەيدان خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو سۈرەت، شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسلىرىدىكى ماددى ئسىپاتلارنى باھالاش مەركىزنىڭ (2015) DL1501 نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىلىرىنى تىخنكىلىق باھالاش يەكۈنى ۋە قاغىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2014) 128-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىغا ئاساسلانغاندا، 新QA170 نومۇرلۇق ئۇچ چاقلىق موتوتسىكىلىت، 新R15217 نومۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئوڭ تەرىپىگە سوقۇلۇپ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۆلۇشى، ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئەنۋەر بارات، ھەمدۇللا ئاخۇن قاتارلىق زىيانلانغۇچىلار ۋەقە سادىر قىلغان ئىككى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تاسىرىدە جىسمانىڭ زىيانغانغا ئۇچرىغان. ھەمدە ھەر ئىككىلا قاتناش ۋاستىسى بىر سۇغۇرتا شىركىتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاتناش ھادىسىسى 3-تەرەپ سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولغاچقا، سۇغۇرتا شىركىتى زىيانلانغۇچىغا ئىككى قاتناش ۋاستىسى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچۈنجى شەخىس تۆلەم دائىرسى بويىچە تۆلەم بىرىش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى كىرەك. نارازىلىق ئەرىز بەرگۈچى ئەسلى سوتتىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار جۇڭگۇ خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قاغىلىق تارماق شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇنى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىشقا تىگىشلىك. ئەسلى سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو پاكىتىنى، خاراكتىرىنى بىكىتىشى توغرا، قانۇن ماددىلارنى تەدبىقلاپ جاۋابكارغا جازا ئۆلچىشى ۋە دىلونىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنى بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىق، سوت قىلىش تەرتىۋى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 225-ماددا 1-تارماق (1)-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى:

نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىلى5-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى (2016) ش 3126 ج د 118-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى كۈچكە ئىگە قىلسۇن.

بۇ كىسىم ئاخىرقى سوت كىسىمى بولىدۇ.

باش سوتچى  ئابدىكىرىم ئابدىريىم

مۇۋەققەت سوتچى  جۈرئەت ئۆمەر

مۇۋەققەت سوتچى  ئابلىمىت مەمەت

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

پۇتۈكچى ئالىمجان ئابدۇغېنى

责任编辑:居来提    

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
喀什地区中级人民法院
阅读次数:1454903
分享到:
关闭窗口
您是第 9554750 位访客
喀什市人民法院  疏附县人民法院  疏勒县人民法院  英吉沙县人民法院  泽普县人民法院  莎车县人民法院  
叶城县人民法院  新疆维吾尔自治区麦盖提县人民法院  岳普湖县人民法院  伽师县人民法院  巴楚县人民法院  塔什库尔干塔吉克自治县人民法院  

Copyright© 2018 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备11003094